تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

مەدەنىيەت ۋە ئىتتىپاقلىق جىلۋىسى: 11-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىللىي يەرمەنكىسى زور مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

مەدەنىيەت ۋە ئىتتىپاقلىق جىلۋىسى: 11-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىللىي يەرمەنكىسى زور مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2025-يىلى 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە 11-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىللىي يەرمەنكىسى  نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلدى.

11 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ گۈزەل  ئەنئەنىدە بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول مەدەنىيىتى، قولدا  ياسالغان رەڭگارەڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە تەملىرى بىلەن مېھمانلىرىمىزنى  كۈتىۋالغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇرسەنمىز.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان پۇختا تەييارلىقلىرىمىز،  پىدائىيلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن يەرمەنكىمىزنى يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. 

پائالىيىتىمىزگە سىياسىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە تۈرلۈك جەمئىيەت ۋەكىللىرى بولۇپ نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى نەتىجىسىدە،مىللىي بىرلىك روھىمىز تولۇپ تاشتى.

يەرمەنكىمىىز پەقەت تەشۋىقات پائالىيىتىلا بولماستىن، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا، ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولغۇسى. يەرمەنكىمىىز ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرنىڭ دىدارلىشىشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر سورۇندۇر.

بىز بارلىق پىدائىيلىرىمىزغا، قوللىغان مېھمانلىرىمىزغا ۋە بۇ ئالاھىدە پائالىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۆھپە قوشقان بارچە خەلقىمىزگە  چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

پائالىيىتىمىزگە قاتناشقەن سىياسىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرىنىڭ بەزىلىرى:

  • Sedat Tapan
  • Mustafa Hamurcu
  • Mustafa Aktalan
  • Sabri Yıldırım
  • Doğukan Ergin
  • Mehmet Keskin
  • Elif Esen
  • Ertuğrul Kurt - UID
  • Ramazan Kaya :TNOP
  • Durmuş Doğan

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

خەير-ساخاۋەت بازارىمىزغا سىلەرنى چىن قەلبىمىزدىن تەكلىپ قىلىمىز

ھۆرمەتلىك ئەزىز قېرىنداشلار،ئۆزئارا تونۇشۇش، دىدارلىشىش ۋە باشقىلارغا ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىد…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مۈسىئاد (MÜSİAD) گوللاندىيەنىڭ 2026-يىللىق يېڭى يىل پائالىيىتىگە قاتناشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مۈسىئاد (MÜSİAD) گوللاندىيەنىڭ 2026-يىللىق يېڭى يىل پائا…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ي . ش . ت . مائارىپ جەمئىيىتى ياشلار شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىززەت-ھۆرمەت يولى» تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

14-فېۋرال زېيستتىكى مەركىزىمىزدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ياشلار شۆبىسى تەرى…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ