تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

ئەنئەنىۋى يەرمەنكىمىز ئىتتىپاقلىق ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئەنئەنىۋى يەرمەنكىمىز ئىتتىپاقلىق ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

تەشەككۈرنامە 

9- ۋە 10-ماي كۈنلىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتىمىز  ئەنئەنىۋى يېمەك - ئىچمەك  يەرمەنكىمىزنى ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق روھى ئىچىدە   مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولدۇق.

بۇ مۇبارەك خىزمەتكە قاتنىشىپ، بىزنى يالغۇز قويمىغان ، يىراق-يېقىندىن كېلىپ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، قانداشلىرىمىزغا ۋە سەپداشلىرىمىزغا جەمئىيەت ھەيئىتى نامىدىن چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىلەرنىڭ سەمىمىي قوللىشىڭلار، دۇئالىرىڭلار ھەقىقەتەن  بىزگە كۈچ ۋە ئۈمىد بولدى.

يەرمەنكىمىزنىڭ تەييارلىقلىرى ئۈچۈن ھەپتە  بۇرۇنلا جەمئىيىتىمىزگە  كېلىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئاشخانا، تازىلىق، توشۇش، تەشكىللەش ۋە ھەر قايسى خىزمەت ساھەلىرىدە زور پىداكارلىق كۆرسەتكەن خانىملارغا  ۋە قېرىنداشلارغا چىن قەلبىمىزدىن  رەھمىتىمىزنى ئېيتىمىز. ھەر بىر ئەجىرنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا سەدىقە جارىيە سۈپىتىدە  قوبۇل بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئارىمىزدا بولالمىغان بولسىمۇ، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن بىزنى قوللاپ تۇرغان قىممەتلىك خەير-ساخاۋەت ئىگىلىرىمىزگە ۋە كۆڭۈل دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. قىلىنغان ھەر بىر ياردەمنىڭ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش يولىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.

رەببىمىزدىن بۇ ئىتتىپاقلىقىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى مەڭگۈ داۋاملىشىشى ھەمدە  قىلىنغان بارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل  قىلىشىنى سورايمىز . 

ئاللاھ ئەجىر سەرپ قىلغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن رازى بولغاي.

بىرلىكىمىزنى، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ۋە دەۋايىمىزغا بولغان ساداقىتىمىزنى داۋاملىق قىلغاي.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

مائارىپ جەمئىيىتى ۋەكىللىرى UID رەئىسى كېنان ھەسەن ئاسلان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتتە بولدى

بىز UID (خەلقئارا دېموكراتلار ئىتتىپاقى) نىڭ باش مەركىزىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز جەريانىدا، UI…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

گوللاندىيەدە ياشلار ئىپتار داستىخانىدا جەم بولدى

گوللاندىيەدە ياشلار ئىپتار داستىخانىدا جەم بولدى !ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ياشلار…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

UID گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەبرىك زىيارىتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، (UID) خەلقئارا دېموكراتلار ئىتت…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ